باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» ئېلان قىلدى

لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.09.26 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپى ئارقىلىق بېكىتكەن ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق ئۇچۇرى، ئىجتىمائىي ئىناۋەت ئۇچۇرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ كۈچكە ئىگە قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاساسىي پىرىنسىپ

  ___ قانۇنلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. لەۋزىدە تۇرمىغان ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاشتا چوقۇم قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ يولغا قويۇش كېرەك.

  ___ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش. جايلار، تارماقلار ئارىسىدىكى شۇنداقلا دۆلەت ئورگىنى بىلەن خەلق تەشكىلاتى، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى ئارىسىدىكى ئىناۋەت ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆز ئار تۇتىشىشى ۋە بەھرىلىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ___ بىرلىشىپ جازالاشتا چىڭ تۇرۇش. جايلار، تارماقلار ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، بىر ئورۇندا لەۋزىدە تۇرمىسا، ھەممە جايدا چەكلىمىگە ئۇچراشتەك ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ___ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق ئىدارە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتەك ئۈنۈملۈك بىرىكىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر