باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغىلا ئېتىبار بېرىش»قا خاتىمە بېرىلىدۇ

2016.09.21 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدا ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنى باشلىقى جېڭ فۇجى «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»گە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇش تەلىپىگە توشقان-توشمىغانلىقىنى ئۆلچەيدۇ، ئىمتىھان نەتىجىسى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش، ھەم يۇقىرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشىنىڭ ئاساسى بولۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسىنى بەلگىلىدى.

  جېڭ فۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى بىرلەشتۈرۈش بولۇپ، بىر ئىمتىھاننىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئىمتىھان بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتا-قايتا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش يۈكى ۋە بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.

  جېڭ فۇجى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىسلاھات نىشانى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىدا، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش بىرلەشتۈرۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى قىسمەن پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى قوشۇپ ھېسابلاشنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئاساسى قىلىشتەك ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، «نومۇرغىلا ئېتىبار بېرىش»قا خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر