باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟

2016.09.18 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ بالىلارنى كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ساپا ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قىلدۇرالايدۇ؟ بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ تارماقلىرى نۆۋەتتە ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھەمدە بۇ خىل ئۆزگىرىش مائارىپقا قارىتا تۆۋەندىكىدەك باشقىچە تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئۇ بولسا، بىلىم ئۆگىتىشتىن ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت. فىنلاندىيە ئەسلىدە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە ئىدى، بۇ يىل كۈز پەسلىدىن باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يېڭى ئاساسىي مائارىپنىڭ يادرولۇق دەرس پىروگراممىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتقان بۇ خىل ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھات ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى، يەر شارىنىڭ ئاساسىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئەينەكلىك رول ئويناشتا ناھايىتى يۇقىرى قىممەتكە ئىگە.

  ئاساسىي مائارىپ چوقۇم كەلگۈسى تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈشى لازىم، كەلگۈسى تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان ئادەملەر چوقۇم "ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئادەملەر" بولۇشى كېرەك. "ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئادەملەر" دېگەندە، ئۆزىنى باشقۇرۇشچانلىق، ئىجتىمائىيلىق ۋە قوراللىق دېگەندەك بۇ ئۈچ جەھەتتىكى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنى باشقۇرۇشچانلىق دېمەك ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش، جىسمانىي، روھىي ھالىتى ۋە ئۆگىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىيلىق دېمەك يەككە بىلەن توپ، جەمئىيەت بىلەن دۆلەت دېگەندەكلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش. قوراللىق دېمەك مەدەنىي بىلىم ساپاسى، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەر خىل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت ساپاسى دېگىنىمىز يەككە ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەتكە قاتنىشىشنىڭ زۆرۈر ئاساسى ھېسابلىنىدۇ، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەتكە قاتنىشىش بولسا شەخسنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە تۈپ كاپالىتى بولىدۇ.

  قانداق قىلغاندا "ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ئادەملەر"نى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ؟ نۆۋەتتە دۇنيا مائارىپ ساھەسىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولسا "ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادرولۇق ساپاسى"دىن ئىبارەت. يادرولۇق ساپا دېگىنىمىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆمۈرلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىل ئېھتىياجغا ماسلىشالايدىغان زۆرۈر پەزىلەت ۋە ھەل قىلغۇچ ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. فىنلاندىيەنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتى بولسا، ئىجتىمائىي پەننى كۈچەيتىپ، ئاساسىي تېما ئوقۇتۇشىنى قەدىرلەپ،ئۆز-ئۆزىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ "زۆرۈر پەزىلەت" ۋە "ھەل قىلغۇچ ئىقتىدارى"نى يېتىلدۈرۈشنى كۆزدە تۇتقان. "زۆرۈر پەزىلەت" ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ھەمدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولغان ۋە ئەخلاق مەسئۇلىيەتچانلىقىغا ئىگە ئادەم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەھەتتە ياردەم بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس قىلىش ۋە دۇنيانى بىلىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا قىممەت قارىشىنى تىكلەشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پەن بولسا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار بۆلۈكى ۋە يادرولۇق بۆلۈكى بولۇپ، ئۇ، ئىلغار قىممەت قارىشى ۋە ئۇنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئىجتىمائىي پەن بىلەن ئوزۇقلىنىش كەمچىل بولغان، پەقەت ئىلىم-پەن بىلىملىرىگىلا ئىگە بولغان ھالەتتە يېتىلىپ چىققان ئادەملەر پەقەت "قۇرال ئادەم" بولۇپلاچىقىدۇ-دە، "ئىجتىمائىي ئادەم" بولالمايدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر پەلسەپەنى كۆپرەك ئۆگىنىشى كېرەك، چۈنكى پەلسەپە ئادەملەرگە شۇنداق كەڭنەزەر دائىرىسى، ئەركىن خىياللار ۋە ئەقىل-پاراسەتكە تولغان تۇرمۇش پوزىتسىيەسى ئاتا قىلىدۇ، ھالبۇكى، بۇ خىل ساپا دەل ئاساسىي مائارىپنىڭ نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈشى كېرەك بولغان مەزمۇنى ھېسابلىنىدۇ. تىل-ئەدەبىياتمۇ ئوخشاش، يەنى، تىل-ئەدەبىيات ئىقتىدارى بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ئاساسىي ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇلار تاشقى ئۇچۇرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىش، توغرا تەھلىل قىلىش، ئۇچۇرنى چۈشىنىپ يېتىش، ھەمدە سىرتقا ئۆزىنى ئىپادىلەش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بۇ بولسا، بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈر بويى ئۆسۈپ يېتىلىش ئىقتىدارى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەگەر"زۆرۈر پەزىلەت"نى يېتىلدۈرۈش ئاساسىي مائارىپنىڭ ئاساسىي خاسلىقى دېيىلسە، ئۇنداقتا "ھەل قىلغۇچ ئىقتىدار"نى يېتىلدۈرۈش روشەن ھالدا دەۋر خاسلىقىغا ئىگە. ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ھەمدە دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.

  ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە، بىر ئوقۇغۇچى ئەگەر بىر خىل بىلىم ياكى تېخنىكىنى مۇكەممەل ئىگىلىيەلىسە، شۇ ئوقۇغۇچى كەسىپنىڭ تالانت ئىگىسى بولالايتتى، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تاقابىل تۇرالايتتى، ئەمما، پەن-تېخنىكا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان كەلگۈسى جەمئىيەتتە، بىر كىچىككىنە تېخنىكا كەشپىياتىمۇ بىر ساھەدىكى ئەنئەنىۋى كەسىپكارلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال، مائارىپقا بىلىم ئۆگىتىشتىن ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش تەلىپىنى قويدى، كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالايدىغان ئوقۇغۇچىلار پەقەت بىلىم ئىگىلەشپىلەنلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل بىلىمنى تېز سۈرئەتتە ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولغاندا، تېز ماسلىشالايدىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەڭشىيەلەيدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ خىل ماسلىشىش ئىقتىدارى دەل ئۆگىنىش ئىقتىدارى ھېسابلىنىدۇ، يېڭى بىلىم ئالدىدا، قانداق ئۆگىنىش ھەمدە ئىگىلەشنى بىلىلەيدىغان بۆلۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر