خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۈلۈمى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۈلبوستان مەمەت، جېڭ چۇنيۈ خەۋىرى، فوتوسى) يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى تىگىن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئائىلە زىيارىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئاممىغا يەتكۈزدى ۋە دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مىلانبەگ سەيدالىن دېھقانلارغا يىغىن مەزمۇنىنى يەتكۈزمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى