باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى تەشۋىشلىك ئىچىدە تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنى كۈتۈۋالدى

2016.09.26 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى __ ھىلارى بىلەن تىرامپ 26-سېنتەبىر تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيەلىك نەق مەيدان مۇنازىرىسى ئېلىپ بارىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: تۇنجى قېتىملىق يۈز تۇرانە تۇتۇشۇشتا، ھىلارى بىلەن تىرامپنىڭ ئىپادىسى زور بىر تۈركۈم مۇستەقىل سايلىغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھىلارى ئەل رايىنى سىناشتا ئالدىدا ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى «سايلامنى ئۆزگەرتىدىغان ئىش»قا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  زۇڭتۇڭ سايلىمى مۇنازىرىسى ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلىدۇ، تۇنجى مەيدان مۇنازىرە ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 26-سېنتەبىر كەچ نىيۇيورك ئۇزۇن ئارالدىكى خوفىستىرا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە سىملىق تېلېۋىزىيە تورى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ.

  تۇنجى مەيدان مۇنازىرە ئۇنىۋېرسال مۇنازىرىلىشىش. ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇرۇھ ھالقىغان زۇڭتۇڭ مۇنازىرىسى كومىتېتى يېقىندا «ئامېرىكىنىڭ يۈزلىنىشى»، «مۇۋەپپەقىيەت گۈللىنىشى» ۋە «ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ مەسىلىنى بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنىڭ تېما لايىھەسىدىن قارىغاندا، ئۈچ مەسىلە ئايرىم-ئايرىم سىياسەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇھىم نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ئۇلارنىڭ نەق مەيداندىكى ئىپادىسى زور تۈركۈمدىكى تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن مۇستەقىل سايلىغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  ھازىر، 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى چوڭ سايلامغا بىلەت تاشلاشقا 40 نەچچە كۈن قالدى، سايلام ئەھۋالىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى دەل بۇلارنىڭ بىرى. ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ «دەرس تەييارلىماقتا».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر