باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ

2016.09.18 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭشەپ راۋاجلاندۇرۇش، بىر تۇتاش بولۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، سۈپىتىنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ئىلمىي ئۇنۋان بېرىش نۇقتىلىرى لاياقەتلىك بولۇش بويىچە باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىمۇ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى قانۇنىي ئورنى جەھەتتىن ئوخشاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، مەملىكەتلىك دوكتور ئاسپىرانت، ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانىنى پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈم بويىچە ئايرىم- ئايرىم ئىككى تۈرگە ئايرىپ چۈشۈرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇشتا، «يېڭىسىگە يېڭى چارە قوللىنىش، كونىلىرىغا كونا چارە قوللىنىش» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، 2016- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان ئاسپىرانتلارغا ئەسلىدىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ 2016- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن قوبۇل قىلىنغان ئاسپىرانتلار پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى شەكىل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر