- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپقا پايدىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز
2016.09.13 15:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
10-سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ 32-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. 2015-يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار 15 مىليون 390مىڭغا يەتكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلار ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ: ھازىر ئىلىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە، ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالدى دېدى.
مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جايلاردىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ يېزا كەنتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار، پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار ۋە نامرات ئوقۇتقۇچىلارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك.
ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە 600گە يېقىن تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايون، ناھىيە يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا تولۇقلىما بېرىشنى يولغا قويدى، بىر مىليون يېزا كەنت ئوقۇتقۇچىسى بۇنىڭدىن نەپ ئالدى، شەنشى، لىئاۋنىڭ، شەڭدوڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە ھازىر شەھەر يېزىلاردا بىر تۇتاش يولغا قويۇلغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىشتات ئۆلچىمىنى يولغا قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر