- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىراقتىكى شىئە مەزھىپى ئىسلام دۆلىتىنىڭ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ 35 كىشى قازا قىلدى ۋە يارىلاندى
2016.09.26 16:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەر رايونى 25- سېنتەبىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندە يەتتە كىشى قازا قىلدى، 28 كىشى يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئىسلام دۆلىتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىسلام دۆلىتى مۇنداق دېدى: 25- سېنتەبىردىكى ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشانى شىئە مەزھىپىدىكى قوراللىق تەشكىلات بولغان بادىر تەشكىلاتى. بۇ تەشكىلات 2003- يىلدىكى ئىراق ئۇرۇشتا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئىران بىلەن قويۇپ ئالاقىسى بار، ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ تارمىقى بولغان ئىسلام دۆلىتى ئىزچىل تۈردە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى كۇپارلار دەپ قاراپ كەلگەنلىكتىن، دائىم شىئە مەزھىپىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىلەن سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پايدا قىلىش مەقسىتىدە بولماقتا. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇسۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇش ئوڭۇشسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش كۈچنى زورايتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر