خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 25- سېنتەبىر 40تىن كۆپرەك ھەرخىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چىقىرىپ، غەربىي تىنچ ئوكياندا يىراق دېڭىز مەشقى قىلدى، كۆپ تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سەپ بولۇپ گوڭگۇ بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، يىراق دېڭىزدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بومباردىمانچى ئايروپىلان، قىرغۇچى ئايروپىلان دېگەندەكلەرنى چىقىرىپ، دوڭخەي دېڭىزىدىكى ھاۋا مۇداپىيە تونۇپ-پەرق ئېتىش رايونىدا رەسمىيەتلىك چارلاش ئېلىپ باردى. جڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، پولكوۋنىك شېن جىنكې سۆز قىلىپ، دائىمىيلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن غەربىي تىنچ ئوكيانغا چىقىپ، يىراق دېڭىز مەشقى قىلىش ۋە دوڭخەيدىكى ھاۋا مۇداپىيە تونۇپ-پەرق ئېتىش رايونىنى چارلاشنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە تىنچ تەرەققىياتنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى