باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى پۇتبولنى جۇڭگونىڭ بىر ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇردى

2016.09.26 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 19- سېنتەبىر، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىتالىيە-جۇڭگو كىنو فېستىۋالى مىلاندا ئاخىرلاشتى. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى چىقارغان ۋە جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن بىر يۈرۈش ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى» ئەڭ نادىر ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولى تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك ئىش بولۇپ قالدى. خوشال بولۇشتىن باشقا، بىز يەنە مۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە ئويلانماي تۇرالمايمىز، ئېسىل كىنولار كۆپ، ئەمما، ماركا رىقابىتى كەسكىن بولغان بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق چولپانلار يوق، ئېسىل كۆرۈنۈشلەر يوق، ئالاھىدە تېخنىكا ئۈنۈمى يوق. بۇ ھۆججەتلىك فىلىم نېمىگە تايىنىپ ئىتالىيەلىك كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى؟ قانداق قىلىپ باھالاش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى، بېرلىن كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق داڭلىق رېژىسسور ۋاڭ شياۋشۇەي، باھالاش كومىتېتىنىڭ ئىتالىيە تەرەپنىڭ رەئىسى، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىتالىيەلىك سەنئەت يېتەكچىسى دانتى فېررىت قاتارلىقلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىندى؟

  بارغانچە كۆپ بالىلار پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قالدى

  2015-يىلى، «جۇڭگو پۇتبول ئىسلاھاتى تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى» ئېلان قىلىندى، ئارقىدىن، «مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماقنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ئېلان قىلىندى. بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى كەڭ دىققەتنى تارتتى، مەكتەپ پۇتبولىمۇ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى» ناملىق بۇ فىلىمنىڭ ئىككى بۆلۈمى قويۇلغاندىن بۇيان، مەكتەپ پۇتبولى مەدەنىيىتى مىليونلىغان بالىلار بىلەن چەمبەرچاس باغلاندى. سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، رېژىسسورلار بىلەن پۇتبولچى ئۆسمۈرلەر بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىرگە يېتىپ قوپتى، بىرلىكتە مۇسابىقىلەشتى، مەشىقتىمۇ بىرگە بولۇپ، بالىلارنى يېقىن ئارىلىقتىن سۈرەتكە ئېلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى. ئوپېراتورلار مۈكچىيىپ تۇرۇپ كۆزىتىپ ۋە سۈرەتكە ئالدى، ھەمدە بالىلارنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، بۇ پۇتبولچى ئۆسمۈرلەرنىڭ يېشىل دۇنياسى ۋە ئىچكى دۇنياسىغا ھەقىقىي بۆسۈپ كىردى. دەل مۇشۇنداق كۆڭۈل قويۇش بولغاچقا، پروگراممىنىڭ تەسىرى ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ، يېقىندىن بېرى نۇرغۇن باغچىلاردا پۇتبول تېپىدىغان بالىلارمۇ كۆپەيدى. تەرلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ باغچىلاردا پۇتبول تېپىۋاتقان بۇ بالىلارغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تېخى يېقىندىلا بىر قىسىم كارتون فىلىم ۋە تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قالغان بالىلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتىش تەس.

  پۇتبول ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو سالاپىتى نامايان قىلىندى

  «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە "ئادەتتىكى ئادەملەر ۋە ئوماق بالىلارنىڭ پۇتبولدا بەسلىشىشى"دە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن پۇتبولنىڭ ھەقىقىي بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەر ئۈچۈن بىر مەيدان ئەمەلىي، ھەقىقىي ھەم ئەھمىيەتلىك بولغان پروگراممىنى نامايان قىلدى. پروگرامما ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە "ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول چۈشى"دىن ئىبارەت ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشى مەدەنىيىتىنى نادىر پروگرامما ئىكولوگىيەسىگە سىڭدۈرۈشتەك ئىجادىيلىقىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر