باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردى

2016.09.13 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 10-سېنتەبىر شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل شىزاڭ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ھەر ئادەمگە ئېيىغا ئوتتۇرىچە مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىغا نەپ يەتكۈزگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى تولۇقلىما 2-تۈردىكى رايونلار، يەنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن تۆۋەن بولغان جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيىغا ئوتتۇرىچە 500 يۈەندىن، 3-تۈردىكى رايونلار، يەنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆت مىڭ مېتىردىن 4500 مېتىرغىچە بولغان جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيىغا ئوتتۇرىچە مىڭ يۈەندىن، 4-تۈردىكى رايونلار، يەنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500 مېتىردىن يۇقىرى بولغان جايلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا 1500 يۈەندىن توغرا كەلگەن. شىزاڭدا، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %96 نى ئىگىلەيدىكەن، %88 كە يېقىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوقۇيدىكەن. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىزاڭدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىسى 16 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئومۇمىي سانىنىڭ %42 نى ئىگىلىگەن.

  بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 978 ئوقۇتقۇچىغا «شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا 20 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىق شەرەپ مۇكاپاتى»، 317 ئوقۇتقۇچىغا «شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا 25 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىق ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى»نى تۇنجى قېتىم بەردى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك «شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا 25 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىق ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن داۋا پىڭسو-شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرى سومېي ناھىيەسى جېگۇ بازىرى جاجا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئۇ 28 يىلدىن بۇيان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4500 مېتىر كېلىدىغان ئاساسىي قاتلامدىكى ئېگىز ھەم ھاۋاسى سوغۇق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كەلگەن.

  داۋا پىڭسو مۇنداق دېدى: مەن جاجا باشلانغۇچ مەكتىپىدە شارائىتنىڭ جاپالىقلىقى، مۇھىتنىڭ ناچارلىقى بىلىمەن، لېكىن بۇ يەردىكى بالىلار ئوقۇشى كېرەك. ھازىر ھەر قايسى تەرەپلەردىكى شارائىتلار بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ تور، ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇتۇشتىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بىزگە ئوخشاش يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى ئەرزىيدىغان ئىش، بىز تېخىمۇ كۆپ بالىلارغا بىلىم ئۆگىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، شىزاڭ يەنە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تۆت مىڭ مېتىردىن ئاشىدىغان جايلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىما ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەر پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى دېڭىز يۈزىدىن بەك ئېگىز بولغان جاپالىق چېگرا رايونلارغا كېلىپ ئىشلەشكە جەلپ قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر