باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق تېلېفونلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش نىسبىتىنى %100گە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.09.26 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-سېنتەبىر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف كارخانىلىرىنى يېتەكلەپ تېلېفون ئابۇنىتلىرىنى ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق تېلېفونلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش نىسبىتىنى %96كە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن %100كە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن ۋە تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرىنى قوغداشنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يەنە مەۋھۇم تىجارەت سودىگەرلىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالاقىدار كەسپىي بايلىقنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى توختىدىغانلىقى، ياخشى تۈزەتمىگەن، بەلگىلىمىگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئۇلارنىڭ ئالاقىدار سالاھىيىتىنى قالدۇرىۋەتكىچە قانۇن بويىچە جازالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تېلېگراف كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ، مەخسۇس لىنىيەنى ئىجارىگە بېرىش، «يىخاۋتۇڭ»، سودا باش ئاپپاراتى، «400» قاتارلىق نۇقتىلىق تېلېگراف كەسىپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلغانلارنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە نومۇر يوللاشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تور تېلېفون نومۇرىنى ئۆزگەرتىش ۋە ۋە قانۇنسىز چاقىرىش نومۇرىنى توسۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكىلىق مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر