خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن پولات نىياز خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 20-كۈنى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو_ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى رەسمىي ئېچىلدى. كۆرگەزمە ئېچىلىشى بىلەنلا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، چەرچەن ناھىيەسىدىن ئالتە كارخانا چىلان، چارۋا مەھسۇلاتلىرى، ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ۋە كانچىلىققا ئالاقىدار ئالتە تۈردە 28 خىل مەھسۇلات ئېلىپ كەلدى. چىلان، توشقان زەدىكى، يەنە ماكا، ئېگىزلىكتە ئۆستۈرۈلگەن سامساق، يەرلىك توخو تۇخۇمى، قاشتېشى قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار يەرمەنكىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى