- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجسىز رايونى خەلقئارا سودا مۇلازىمەت رايونىدا ئىش باشلاندى
2016.09.26 16:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجسىز رايونى يادرولۇق رايونىدىكى خەلقئارا سودا مۇلازىمەت رايونىغا 24-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇل سېلىندى، ئۇنىڭدا خەلقئارا جابدۇق ياسىمىچىلىق كۆرگەزمە مەركىزى، خەلقئارا سودا كۆرگەزمە مەركىزى، سېتىۋېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرى مەركىزى، ئاممىۋى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت مەركىزى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىدۇ. تۇنجى باسقۇچتىكى ئۈچ رايوننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 250 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بىر مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، ئاساسلىقى ئىمزالىنىپ بولغان باجسىز تاۋارلار سودىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، كەسىپ زەنجىرى تەمىناتى قاتارلىق تۈرلەر ماكانلىشىدۇ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر