باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەر قايسى دۆلەتلەر تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بەرمەكتە

2016.09.27 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەزىيەت بەك جىددىي

  قېرىلىشىش ئېغىر بولغان ياپونىيە- تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسى كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت، ياشانغانلار ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. ياشانغانلارنىڭ پۇلى كۆپ ھەم پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، ئالدامچىلار ھەمىشە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ساقچى دائىرىلىرى ياكى بانكا خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، پۇل چېكىدىن پايدىلىنىپ، مەخپىي نومۇرغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بۇ ياشانغانلارنى ئالداپ پېرېۋوتى قىلغۇزىدۇ.

  ئاۋسترالىيەدە، ئالدامچى ھەمىشە توردىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، قارشى تەرەپكە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇلاردىن ئىناۋەتلىك كارتا، دېبېت كارتىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق پۇل يۆتكەشنى تەلەپ قىلىدۇ، كەلگەن تېلېفون نومۇرىمۇ ساختا. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تور ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى ئاساسلىقى بېلىق تۇتىدىغان تور بېكىتى، تور ئادرېسىغا ھۇجۇم قىلىش، كارتا ئالدامچىلىقى، يامان نىيەتلىك يۇمشاق دېتال ئالدامچىلىقى قاتارلىقلار .

  بۇنىڭدىن باشقا، ھېسسىيات ئالدامچىلىقى ۋە ساختا پوسۇلكا ئالدامچىلىقى يېقىندىن بۇيان تەدرىجىي كۆپەيدى. ئالدامچىلار تور ئارقىلىق بىرنەچچە ئاي، ھەتتا بىرنەچچە يىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ، كېيىن ساختا كېسەل، مەغلۇپ بولغان سودا مەبلەغ سېلىش ياكى ئېچىنىشلىق شەخسىي كەچۈرمىشى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىدۇ.

  گېرمانىيەدە تېلېفون ئالدامچىلىقىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدىكى «چاقىرىش مەركىزى»دىن كەلگەن، ئالدامچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز، ئالدىن قىسمەن باج ھەققى قاتارلىق راسخوتلارنى تاپشۇرۇڭ دەيدۇ. ساقچىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، گېرمانىيەدە تېلېفون ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 130 مىڭغا يەتكەن، زىيان ئومۇمىي سوممىسى 130 مىليون ياۋرو كېلىدىكەن. مەلۇماتقا كىرگۈزۈلمىگەن ئالدامچىلىق دېلولىرىدا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ.

  مېكسىكىدا، قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىمۇ بىر مەزگىل كۆپىيىپ قالدى، ئالدامچىلار تېلېفون ئۇرۇپ، بالاڭلار تۇتقۇن قىلىندى دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن پۇل ئالماقچى بولىدۇ.

  كۆپلىگەن تېلېگراف ئالدامچىلىق دېلولىرىدا ئالدامچىلار ئالدى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ئىگە بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ، شۇڭا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويدى.

  مېكسىكا پارلامېنتى 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى فېدېراتسىيە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇنىنى ماقۇللىدى. بۇ بەلگىلىمىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: بارلىق دوختۇرخانىلار، دۆلەت ئىچىدىكى تور دۇكانلىرى ، تور بېكەتلىرى ، ئالى مەكتەپلەر، تېلېگراف شىركەتلىرى ۋە بارلىق خېرىدارلاردىن شەخسىي ئۇچۇرنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان شىركەتلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۈر. خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. قانۇندا مۇنۇلار بەلگىلەندى: كارخانىلار خېرىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغىش، ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە چىقىرىۋېتىش شەكلىنى قوللانسا بولىدۇ، شەخسى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن خېرىدارلار شىركەت ياكى ئاپپاراتلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرنى ئىشلىتىش داۋامى ۋە مەقسىتىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، بۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

  تايلاند 1997-يىلى چىقارغان ئاساسى قانۇندا پۇقرالارنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىنى قوغداش پىرىنسىپى ئېنىق بەلگىلىدى. شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر قانۇنىدا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئالاقىدار پىرىنسىپ تەپسىلىي بەلگىلەندى. 2002-يىلى چىقىرىلغان ئىناۋەتلىك قەرز كەسپى ئۇچۇرى قانۇنىدا سودا تەشكىلاتلىرى خېرىدارلارنىڭ مەخپىيىتىنى قوغداش پىرىنسىپى بەلگىلەندى.

  گېرمانىيە قانۇنىدا سودىگەرلەرنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرىنى 3-تەرەپكە ئاشكارىلىشى قەتئىي چەكلەندى. 2009-يىلى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن فېدېراتسىيە سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش قانۇنىغا ئاساسەن ، سودىگەرلەر بازار تىجارىتى ياكى سېتىشتا پايدىنى كۆزلەپ خېرىدارلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى خېرىدارلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. مۇلازىمەت سودىگەرلىرى سانلىق مەلۇماتنى يوقىتىۋېتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا ، بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ئۇقتۇرۇشى ھەمدە زىياننىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. خوجايىنلارنىڭ ياللىغۇچىلارنىڭ شەخسىي يانفون ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ھوقۇقى يوق، شىركەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلسا، خادىملىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى يىغالايدۇ ۋە ساقلىيالايدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا يۇقىرى سوممىدا جەرىمانە تۆلەش ھۆكۈمى چىقىرىلىدۇ.

  ئاۋسترالىيە يانفون نومۇرى ھەقىقىي نام تۈزۈمىنى قاتتىق يولغا قويدى. ھەر قانداق كىشى يانفون سېتىۋالغاندا ئېنىق شەخسىي ئۇچۇر يېزىشى كېرەك. ئەگەر يانفون ئارقىلىق باشقىلارغا تەھدىت سېلىش، باشقىلارغا ناچار ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، خېرىدارلارنىڭ قوشۇلۇشىنى ئالماي زورلۇق بىلەن ئېلان ئەۋەتىش قىلمىشلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشقا ياتىدىغان بولۇپ، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  بەزى دۆلەتلەر يەنە كونكرېت كەسپىي قانۇن بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ، تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلىدى.

  ياپونىيەنىڭ " ئېلېكتىرو خەۋەرلىشىش ئىشلىرى كەسپىي شەخسلەر ئۇچۇرىنى قوغداش كۆرسەتمىسى"دە ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىندى، ھەر بىر تىجارەت كارخانىسى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، ئۆز شىركىتىنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداش نىزامى ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تۈزۈشكە مەسئۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجراسى ئۈستىدىن نازارەت قىلىشى كېرەك. ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كېلىدىغان خادىملارنى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە مەخپىيەتلىك توغرىسىدا تەربىيەلىشى، ئابۇنىتلارغا ھەر بىر تۈرلۈك كەسىپ تەمىنلەشكە تېگىشلىك شەخسىي ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى،ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىلىشىنى ئېلان قىلىشى، ئابۇنىتلارغا ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدىغان مەخسۇس تارماق تەسىس قىلىشى ھەمدە ئەرزلەرنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشى، ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئابۇنىتلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى ۋە تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ئابۇنىتلارنى زىياندىن ساقلىشى كېرەك؛ ئىگىلىگەن شەخسىي ئۇچۇرى 5 مىڭدىن ئاشقان تىجارەت كارخانىلىرى ھەر پەسىلدە خوجىلىق ۋازارىتىغا شەخسىي ئۇچۇلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى، ئاشكارىلىنىشىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەمدە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى بىۋاسىتە دوكلات قىلىشى لازىم، بولمىسا جىنايى ئىشلار بويىچە جازاغا ئۇچرايدۇ.

  بارغانچە كۆپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن "كەسىپتە ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى" ئىمزالاپ، تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ ئىنتىزامچان بولۇشى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىغا ئىلھام بەردى.

  ياپونىيەدە ئەگەر كارخانىلار ئابۇنىتلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي خالىغانچە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرسە، ئابۇنىتلار تېلېگراف شىركىتىدىن بۇ ئادرېس ۋە نومۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ئالدامچىلىق ئۇچۇرى ۋە تېلېفونى بولسا، تېلېگراف شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ۋە ئىستېمالچىلار مەركىزىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ. تايلاندتا، ئەگەر ئابۇنىتلار ئۆزىنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى دەپ قارىسا، ئالاقىدار تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ چاقىرىش مەركىزى ياكى ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئەھۋال ئېغىر بولسا تايلاند دۆلەت رادىيوسى ۋە خەۋەرلىشىش كومىتېتى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ماسلىشىپ ھەل قىلسا بولىدۇ.

  ئاۋسترالىيەدە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا ئۇچرىغۇچىلار ئاۋسترالىيە رىقابەت ۋە ئىستېمال كومىتېتىدا تەسىس قىلىنغان جىنايى قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش تارمىقى ھۆكۈمەت تورىدا تىزىملىتىپ دېلو مەلۇم قىلسا بولىدۇ. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالدانغاندىن كېيىن، دەرھال بانكا ياكى پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ھەمدە مەخسۇس تور بېكىتى ئارقىلىق دېلو مەلۇم قىلىشقا ئەسكەرتتى.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئۇچۇر تېخنىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى شەھەر ئاھالىلىرى مەخسۇس مۇلازىمەت تور سۇپىسى قۇرۇپ، ئاممىنى تور بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتتى. جايلاردىكى ئىستېمالچىلارنى قوغداش تارماقلىرىمۇ تۈرلۈك ئالدامچىلىق ھۈنەرلىرىنى تەل-تەكۈس پاش قىلدى ھەتتا ئالدامچىلىق ھۆنۈرى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، بىلىدىغان ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى مىسال كەلتۈردى ھەمدە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوشۇمچە قىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر