خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 21-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا 71-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى: ئورتاق تىرىشىپ دۇنيايىمىزنى ئۆزگەرتەيلى» دېگەن تېمىسىدىكى ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ۋە «قول تۇتۇشۇپ تىنچ، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان دۇنيا قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، ب د ت نىڭ تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا «2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى» ماقۇللىنىپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىدا «ئورتاق، سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ھەمراھلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ، جۇڭگونىڭ پىرىنسىپ مەيدانىنى شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ۋەدە بەردى ۋە ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى