خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- سېنتەبىر، زېڭ فېيياڭ (ئالدى رەت سولدا)، تاڭ خۇەنشىڭ (ئالدى ئوتتۇرىدا)، جۇ شياۋمېي (ئالدى رەت ئوڭدا) سوتقا چىقتى.
شۇ كۈنى، گۇاڭجۇ شەھىرى پەنيۈ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا زېڭ فېيياڭ، تاڭ خۇەنشىڭ، جۇ شياۋمېي قاتارلىقلارنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسىغا قاراپ چىقتى ھەمدە ھۆكۈم چىقاردى، زېڭ فېيياڭنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بېكىتىلىپ، مۇددەتلىك ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا، تۆت يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى؛ تاڭ خۇەنشىڭنىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بېكىتىلىپ، مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى؛ جۇ شياۋمېينىڭ توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى بېكىتىلىپ، مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى. ئۈچ جاۋابكار سوتتا گۇناھىنى تونۇپ تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى، سوتنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنۇپ، ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى