خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز روزىھاجى نەزەر، مەلىكە روزى خەۋىرى) ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-شى پەيزاۋات باش مەيدانى 9- ئاينىڭ بېشىدا نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، باش مەيدان «يېڭى ئۆمىد چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»غا 40 نەپەر نامراتنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ، 2018- يىلىغىچە باي قىلىش شەرتى بىلەن 100 دىن ئارتۇق گۆش كالىسىنى بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
نۆۋەتتە، بۇ كوپىراتىپ نامىراتلارغا ھەر يىلى %8 دىن يۇقىرى پايدا ئايرىش بويىچە، كالىلارنى باقمىچىلىقتىن خەۋىرى بار ئىشچىلارنىڭ بېقىشىغا تۇتقۇزغاچقا، قىسقىغىنە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، كالىلار كۆرۈنەرلىك سەمرىدى.
سۈرەتتە: كوپىراتىپتا بېقىلىۋاتقان كالىلاردىن كۆرۈنۈش.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى