باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىر بىرنى سۇرىيە ۋەزىيىتىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلدى دەپ ئەيىبلەشتى

2016.09.27 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى تىنچلىققا تەشنا بولغان بارلىق كىشىلەرگە زور ئۈمىد ئىلىپ كەلدى، بىراق بىر ھەپتىدىن كېيىن، بۇ كېلىشىم بۇزۇلۇپ، سۇرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدىكى كەسكىن توقۇنۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، خەلقئارانىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئىچىپ سۇرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، بىراق يىغىندا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بىر بىرنى سۇرىيە ۋەزىيىتىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلدى دەپ ئەيىبلەشتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 25- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئاچتى. رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋەكىلى يىغىندا كەسكىن ئىلىشىپ، بىر بىرنى قارشى تەرەپ نۆۋەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك دەپ ئەيىبلەشتى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى يىغىندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ شۇ كۈندىكى يىغىنى ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەنىڭ تەلىپى بويىچە ئىچىلدى.

  جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جىيى يىغىندا مۇنداق دېدى: بىز رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھاسىل قىلغان سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرىسىدىكى كېلىشىمىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىپ، سۇرىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى كېلىشىمنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىشى كېرەك. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 10- سېنتەبىر سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 12- سېنتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن، سۇرىيە ئارمىيە تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلمىدى. ليۇ جىيى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سۇرىيە ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرمەكتە. سۇرىيە ۋەزىيىتى مۇرەككەپلەشكەنسېرى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشىدىن ئىبارەت چوڭ يۆلىنىشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئاساسلىق يول بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باش ئەلچى دىمىستۇرانىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە تېزدىن قايتىپ كېلىش كېرەك. سۇرىيەلىكلەر ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، سۇرىيەلىكلەر ئاساس قىلىنغان سىياسىي مۇساپىسىدە چىڭ تۇرۇپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە باش ئەلچىسى دىمىستۇرا يىغىندا ھەلەپتىكى قوراللىق توقۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە شۇ يەردىكى ئۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن شۇ يەردىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى يەتكۈزدى دېدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 24- سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھەلەپ رايونىدىكى ئۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ھەلەپ، سۇرىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغان ۋە ئەڭ مەركەزلىك بولغان بومباردىمان قىلىشقا يولۇقماقتا دەپ ھېسابلىدى. رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چوركىن يىغىندا، نۆۋەتتە سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقالدى دېدى، ھەمدە ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

  ئامېرىكا ۋەكىلى رۇسىيە ئۆزىنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكىتىنى ۋە مۇدىئاسىنى ھەقىقىي تۈردە دوكلات قىلمىدى دېدى، ھەمدە رۇسىيەنى ھەلەپنى ياۋۇزلارچە بومباردىمان قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ھەتتا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكىتى ئۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۈردى دېدى.

  ھەلەپ ئىلگىرى سۇرىيەنىڭ ئىقتىسادى مەركىزى ۋە 1-چوڭ شەھىرى ئىدى. سۇرىيە توقۇنۇشىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ شەھەرنىڭ غەربىي قىسىم رايونىنى كونترول قىلدى، بىراق شەرقىي قىسىم رايونىنى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئەسەبىي تەشكىلاتلار كونترول قىلدى. يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تەدرىجىي ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر كونترول قىلىپ تۇرغان رايونلارنى قورشاۋغا ئالدى ۋە بۇ رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۆتكەن ھەپتە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ سۇرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتناشقان بىر قېتىملىق مۇزاكىرىدە، ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. ئۇندىن باشقا، سۇرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىمۇ ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرە مەزگىلىدە ئۇچراشتى، بىراق ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى. ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى سۇرىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: 22- سېنتەبىر سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەلەپكە ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، بۇ يەردە قوراللىق توقۇنۇش ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، 115 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى پۇقرالار. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئالتە يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان سۇرىيە توقۇنۇشىدا 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قازا قىلغان. توقۇنۇشتا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2- دۇنيا ئورۇشىدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خەلقئارالىق مۇساپىرلار دولقۇنىنى پەيدا قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر