باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

24 ئۆلكە يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» قانۇن-نىزامىنى يولغا قويمىدى

2016.09.27 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تېڭ جياسەي 26-سېنتەبىر «يېڭى <يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى> يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار مۇنبىرى» دە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېمەكلىك ئوبوروتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىجازىتىگە دائىر <ئىككى گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش> نى يولغا قويۇپ، يېمەكلىك كەسپىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. مۆلچەرلىنىشچە، <يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈرۈپ ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش> تۈرىدىلا گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇپ تەكشۈرگەندىلا، كارخانىلارنىڭ 439 مىليون يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يەڭگىللىتىلىدىكەن».

  ئىستېمالچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كىچىك دۇكىنى، يېمەكلىك كىچىك يايمىسى ۋە كىچىك يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قانۇن-تۈزۈم مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شۈ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» گە ئاساسەن، يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» نىڭ كونكرېت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشچە، بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىر يېڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل، شەنشى قاتارلىق يەتتە ئۆلكە يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» نىڭ يەرلىك قانۇن-نىزامنى يولغا قويغان، يەنە 24 ئۆلكە يېڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ تەلىپى بويىچە، يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» نىڭ يەرلىك قانۇن-نىزامىنى يولغا قويمىدى. شۇڭا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى جايلارنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېمەكلىككە دائىر «ئۈچ كىچىك» نىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىگە قارىتا تۆۋەندىكىدەك كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نىزام چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ ئىككىنچىدىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئىلمىي نىزام چىقىرىش؛ ئۈچىنچىدىن، پائال تىرىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نىزام چىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر