خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) 26-سېنتەبىر، ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن جەنۇبىي شەھەر كوچا باشقارمىسى توفېڭ مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەھەللىدىكى خەتتاتلىققا قىزىققۇچىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە 1-دېۋىزىيە خەتتاتلىق جەمئىيىتىدىن ئالتە خەتتات ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ئىككى يازغۇچىنى مەھەللىگە تەكلىپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
پائالىيەتتە، خەتتاتلار ئاممىنىڭ ئارزۇسى بويىچە نەق مەيداندا 55 پارچە ھۆسىنخەت ئەسىرىنى يېزىپ، ئاممىغا تەقدىم قىلدى ۋە ھۆسىنخەتكە قىزىققۇچىلارغا ئاساسىي مەشىق ئىلمىنى سۆزلەپ بەردى.
سۈرەتتە: خەتتاتلار مەھەللە ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى