باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر چوغتاللىقلارغا نەپ يەتكۈزدى

2016.09.26 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانسىدىن گۈلبوستان مەمەت، لى شىنجى خەۋىرى) ئاقسۇ شەھەرلىك ئاممىۋى بايلىقلار سودىسى مەركىزىدىن ئىگەرچى يېزىسىنىڭ ئۇرۇقچىلىق مەيدانى تۆۋەنكى چوغتال كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتكە چۈشكەن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ، كەنت ۋە دېھقانلارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجىلق بولغان مەسلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئىلگىرى –ئاخىر بۇلۇپ 20 مىڭ يۈەن غەملەپ، نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قويى ۋە كىرا ماشىنىسى ئېلىپ بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى؛ يەنە 5000 يۈەن غەملەپ، كەنتكە سەككىز سېمونت تۇرۇبا ئورنىتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش قىيىنچلىقىنى ھەل قىلدى. يېقىندا، كەنتنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن غەملەپ، 40 ئۈستەل، 80 ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ، كەنت ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى تۇلۇقلاپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر