باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت ياۋايى ھايۋاناتلارنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.09.26 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنى قوغداش سودا ئەھدىنامىسىنىڭ 17- نۆۋەتلىك ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى 24- سېنتەبىر جەنۇبى ئافرىقىنىڭ يۇھانېسبۇرگتا ئىچىلدى. بۇ ئەھدىنامە تارىخىدا ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئەھدىنامىنى تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى داۋاملىق قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئەھدىنامە ئىمزالانغان 43 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، 170 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 200 دىن كۆپرەك تۈرلۈك تەشكىلاتنىڭ تەخمىنەن 3 مىڭ ۋەكىلى قاتناشتى. 12 كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىندا 120 تۈرلۈك سىياسىي خاراكتېرلىك قارالما مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، بۇ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر سودىسىنى باشقۇرۇش، قانۇن تۇرغۇزۇش، قانۇننى ئىجرا قىلىش، ھەمدە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، مەمۇرى ۋە مالىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر