باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم جىددىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2016.09.26 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 25- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار ھەلەپنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاشكارلىنىشلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىن، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا يىغىندا ھەلەپتىكى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان، ھەمدە شۇ يەردىكى ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە شۇ يەردىكى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتتى دەپ ھېسابلىغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 24- سېنتەبىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ھەلەپتىكى ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە ھەلەپ سۇرىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ مەركەزلىك ھالدا بومباردىمان قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا دەپ ھېسابلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر