باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت كېڭىشى يادرو سىنىغىنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش شەرتنامىسىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا دەۋەت قىلىدىغان قارارنى ماقۇللىدى

2016.09.26 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 23- سېنتەبىر قارار ماقۇللاپ يادرو قوراللىرى سىنىغىنى مەنئى قىلىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان بارلىق دۆلەتلەرنى بۇ ئەھدىنامىگە بالدۇرراق قول قويۇشقا ياكى تەستىقلاشقا دەۋەت قىلدى. قاراردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، يادرو قوراللىرى بولمىغان دۇنيا قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قاراردا، تېخىچە بۇ ئەھدىنامىگە قول قويمىغان ياكى تەستىقلىمىغان بارلىق دۆلەتلەر دەۋەت قىلىندى، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەھدىنامىگە كىرىشى ئەھدىنامىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قاراردا يەنە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەر قانداق يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىپ پارتلىتىش ياكى يادرو پارتلىتىش سىنىقى ئىلىپ بارماسلىققا دەۋەت قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر