- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇقلانغان كەسپلىرىنى ئېلان قىلدى
كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ
2016.09.13 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئويۇن ئويناش ئىلگىرى «توغرا ئىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق» دەپ قارالغان ئىدى، كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئېلېكترونلۇق ماھارەت بويىچە بەسلىشىشنىڭ «نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ»، ئىنگلىز تىلى ۋە ماتېماتىكا كەسپلىرىگە ئوخشاش، بۇ تۈرمۇ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئالدىنقى كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) كەسىپلەر مۇندەرىجىسى»دە 13 كەسپنى تولۇقلاپ ئېلان قىلدى، بۇلار 2017- يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئېلېكترونلۇق ماھارەت تەنھەرىكىتى ۋە باشقۇرۇش»مۇ بۇنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.
«ئېلېكترونلۇق ماھارەت تەنھەرىكىتى ۋە باشقۇرۇش» كەسپىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى 670411 بولۇپ، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە كەسپى چوڭ تۈرىنىڭ تەنتەربىيە تۈرى كەسپىگە تەۋە قىلىندى. قالغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 12 كەسپمۇ نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلدى. مەسىلەن ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر چوڭ تۈرىدىكى «بۈيۈك سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسى ۋە قوللىنىلىشى» كەسپى، ئاممىۋىي باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت چوڭ تۈرىدىكى «ئاممىۋىي پاراۋانلىق ساخاۋەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش» كەسپى، «بوۋاقلار تەرەققىياتى ۋە ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش» كەسپى قاتارلىقلار.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق ماھارەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، بۇ خىل ماھارەت بازىرىغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىندى. ئەڭ ۋەكىللىك بولغىنى «جۇڭگودىكى بىرىنچى باي» ۋاڭ جيەنلىننىڭ ئوغلى ۋاڭ سىسوڭ 2011- يىلى 8- ئايدا ئۆزىنىڭ ئېلېكترونلۇق ماھارەت كەسپىگە زور كۈچ بىلەن ئاتلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، جۇڭگو كۆچمە ئېلېكترونلۇق ماھارەت ئىتتىپاقى قۇرۇلدى، ۋاڭ سىسوڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك ئىتتىپاقنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولدى. تەنتەربىيە ھەرىكىتى ماھارەت قاتلىمىدا، ئېلېكترونلۇق ماھارەتمۇ دۆلىتىمىزدىكى باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2003- يىلىلا ئېلېكترونلۇق ماھارەت دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ رەسمىي قانات يايدۇرىدىغان 99- تەنتەربىيە تۈرى بولۇپ قالدى، ھەمدە 2008- يىلى قايتىدىن 78- نۇمۇرلۇق تەنتەربىيە ھەرىكىتى تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر