باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىيلىققا ئىمتىھان ئېلىش ۋە قۇبۇل قىلىش جەريانلىرىدا ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىشتەك قىلمىشلارنى جازالاشتىكى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى

2016.09.29 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي تەشكىلات بىيۇروسى، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مەمۇرىيلار ئىدارىسى بىرلىشىپ، «مەمۇرىيلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق قۇبۇل قىلىش جەريانلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر بىرلىشىپ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش ياكى كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا تەشكىللەشكە قاتنىشىش دېگەندەك ئىنتىزامغا ئالاھىدە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەمۇرىيلار قوشۇنىغا كىرىشىگە مەڭگۈ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  بۇ چارە 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، 2009- يىلى ئېلان قىلىنغان «مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئىنتىزام-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى (سىناق يولغا قويۇلىدۇ)» ئوخشاش ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

  مەزكۇر چارىدە، مەمۇرىيلارنى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى جەريانىدىكى ئىنتىزام-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش، ئىمتىھان بېرىش، كۆزىتىلىش ۋە بەدەن تەكشۈرتۈش ھالقىلىرىدىكى ئىنتىزام-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەھۋاللار ۋە بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر