باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

مىكرو بىلوگ جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ

2016.09.29 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان جىنايى ئىشلاردىن باشقا قانۇن يۈرگۈزۈش تۆلىمى بېرىش چۈشەندۈرۈشىگە تۇنجى قېتىم روھىي زىيان تۆلىمى قوشۇلىدۇ؛ مىكرو بىلوگ، دوستلار چەمبىرىكىمۇ جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ؛ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ؛ يېڭى «يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت تەكشۈرۈش قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» يولغا قويۇلىدۇ؛ خۇبېي ئۆلكىسى باشلامچىلىق بىلەن قانۇن چىقىرىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامىنى يولغا قويىدۇ... مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە، بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىشتا ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات يىغىپ ئېلىش ۋە تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشتىكى بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى تۈزدى ۋە تارقاتتى. بۇ بەلگىلىمە 2016-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دېگەن نېمە؟

  بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات __ دېلو يۈز بېرىش جەريانىدا شەكىللەنگەن، رەقەملەشكەن شەكلىدە ساقلىنىدىغان، بىر تەرەپ قىلىنىدىغان، يوللىنىدىغان، دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت جەھەتتىن تور بېكىتى، بىلوگ، مىكرو بىلوگ، دوستلار چەمبىرىكى، تور دىسكىسى قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇر؛ يان تېلېفون ئۇچۇرى، ئېلخەت، پەيتلىك خەۋەرلىشىش، ئالاقە گۇرۇپپىسى قاتارلىق تور ئەمەلىي مۇلازىمەت قىلىش خەۋەرلىشىش ئۇچۇرى؛ ئابۇنىتلارنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى، سالاھىيەت ئىسپات ئۇچۇرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا خاتىرىسى، خەۋەرلىشىش خاتىرىسى، كۈندىلىك خاتىرە قاتارلىق ئۇچۇر؛ شۇنداقلا ئارخىپ، رەسىم، ئۈن-سىن، رەقەملىك گۇۋاھنامە، كومپيۇتېر پىروگراممىسى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن ئۇلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار بېكىتىلدى: خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى قانۇن بويىچە توپلاش، ئېلىش ھوقۇقى بار. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات دۆلەت مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيەتلىكى، شەخسىي مەخپىيەتلىككە چېتىلسا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر