خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پەن-تېخنىكا سەۋداسى، مىلياردىر ئېلون ماسك 27- سېنتەبىر «مارسقا كۆچمەن بولۇش پىلانى»نى ئاشكارىلاپ، يەرشارىدىن 252 مىليون كېلومېتىر يىراقلىقتىكى سەييارىدە ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالايدىغان ئىنسانلار شەھىرىدىن بىرنى قۇرماقچى بولدى.
ماسك مېكسىكىنىڭ گۇادالاجارادا ئېچىلغان خەلقئارا ئاسترونومىيە يىغىنىدا، ئىنسانلارنىڭ «كۆپ سەييارىلىق جانلىقلار»دىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنداق بولغاندا «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىشى مۇمكىن» بولىدىغانلىقىنى، بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەل مارستا يېڭى ئولتۇراق ماكانى قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئېلون ماسك ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى (SpaceX)نىڭ باش لېدىرى. بۇ كارخانا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش قاتارلىق ئالەم بوشلۇقى مەشخۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئېلون ماسك ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتىنىڭ «مارس پىلانى»غا تۇتۇش قىلىشنى باشلىغانلىقىنى، ئىككى كۈن بۇرۇن، راكېتا دېۋىگاتىلى «يىرتقۇچ قۇش»قا قارىتا ئوت يېقىش سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، مەزكۇر توشۇش سىستېمىسىنىڭ ئىنسانلارنى يۇپېتېرنىڭ ھەمراھى ياكى تېخىمۇ يىراق سەييارىلەرگە ئاپىرىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى.
ئالەم بوشلۇقىدا ئىزدىنىش تېخنىكىسى شىركىتى 2018- يىلى «قىزىل ئەجدىرىھا» ناملىق ئادەمسىز ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسىنى قويۇپ بېرىپ، مارس يۈزىدە تۆۋەنلەش ۋە قونۇش قاتارلىق سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى