- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كۆپ ئۆلكىدە ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىدا «ھاراق ئىچىشنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى» چىقىرىلدى
شىنجاڭدا ھەقىقەتەن ھاراق ئىچىشكە توغرا كەلگەندە، ئەھۋالنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2016.09.29 15:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىدا بىردەك ھاراق ئىچىشنى مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «شىنجىڭ گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، جېجياڭ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، جياڭسۇ، خۇنەن، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكىلەر ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىدا «ھاراق ئىچىشنى مەنئىي قىلىش» بەلگىلىمىسىنى چىقارغان.
ئالاھىدە ئەھۋالدا ھاراق ئىچىشكە توغرا كەلگەندە، ئەھۋالنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش كېرەك
ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا چىقارغان «ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىدا ھاراق ئىچىشنى مەنئىي قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايون تەۋەلىكىدىكى بارلىق ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىدا بىردەك ھاراق ئىچىش مەنئىي قىلىنىدۇ. دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن مېھمان كۈتىۋېلىش ۋە خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار سەۋەبلىك ھاراق ئىچىشكە توغرا كەلگەندە، ئەھۋالنى شۇ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) غا مەلۇم قىلىپ تەستىقلىتىش كېرەك.
«بەلگىلىمە» دە يەنە مۇنۇلار ئالاھىدە كۆرسىتىلدى: ھاراق ئىچىشنى بىردەك مەنئىي قىلىش دېگىنىمىز: ھەرقانداق ئادەم ۋە ھەرقانداق ئورۇن تەمىنلىگەن ھەرقانداق ھاراقنى ئىچىش بىردەك مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىش پائالىيىتىدە بىردەك ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە مېھمان كۈتىۋېلىشىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمە» نى تارقىتىپ، ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىش پائالىيىتىدىكى تاماق، ياتاق، سەپەر قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارقىدىنلا ھەرقايسى ئۆلكىلەر پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ مەملىكەت ئىچىدە مېھمان كۈتىۋېلىشىنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇش بىلەن بىللە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە «پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئۆلكىلەر يەنە ھۆكۈمەت مېھمان كۈتىۋېلىشىغا ئالاقىدار «ھاراق ئىچىشنى مەنئىي قىلىش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر