- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يۈ جېڭشېڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2016.09.29 15:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدا، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى تەشكىللەش، مەركەز 1950-يىلى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، ئېلىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسىگە ئايلاندى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى قېرىنداشلار ۋەتەننىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تەكشۈرۈشكە بېرىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، كوممۇنىستىك پارتىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، بۇ ئەنئەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر