باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىلىرى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ

2016.09.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى 29-سېنتەبىر مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرىدىكى 346 نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىسى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، بېيجىڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش كەسپىنى توختىتىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ <ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى»غا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. 346 نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىسى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، بېيجىڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 346 كۆچمە نوپۇس ۋە ئۆي ئىجارە مۇلازىمەت پونكىتلىرى 8-ئۆكتەبىردىن باشلاپ بېيجىڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملىتىش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا تىزىملاش كارتىسىنى تارقىتىدۇ، بۇ كارتا بېيجىڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىلىرى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىش كەسپىنى توختىتىدۇ. بېيجىڭغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ قولىدىكى ۋاقىتلىق تۇرۇش گۇۋاھنامىسى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە بولسا ۋە ئالتە ئايغا توشقان بولسا، بېيجىڭدا قانۇنلۇق مۇقىم خىزمىتى بولۇش، قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولۇش، داۋاملىق ئوقۇشتىن ئىبارەت شەرتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىسا، تۇرۇشلۇق جايدىكى نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىسىغا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاققۇنلارنى باشقۇرۇش پونكىتىگە ئالاقىدار ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ، ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملىتىش ئىشلىرىنى بېجىرىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا تىزىملاش كارتىسىنى ئېلىشى كېرەك. 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلار ۋە مېيىپلارنىڭ ھامىيىسى، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالاقىدار ئىسپات ۋە يازمىچە ھاۋالىنامە(16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلار يازمىچە ھاۋالىنامە تاپشۇرمىسمۇ بولىدۇ)نى ئېلىپ، تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاققۇنلارنى باشقۇرۇش پونكىتى ياكى نوپۇس ئىشلىرى ساقچىخانىسىغا بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملاتسا ياكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر