خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- سېنتەبىر سائەت نۆل ئەتراپىدا، «قۇمۇل» ناملىق پوچتا-تېلېگراف مەخسۇس ئايروپىلانى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرى چاڭلې ئايرودرومىغا قوندى. ئۈچ توننا «شېرىن تەم» قۇمۇل چىلىنى ۋە ئون توننا قۇمۇل قوغۇنى دەرھال چاڭلې ئايرودرومى ئەتراپىدىكى پوچتا-تېلېگراف يەتكۈزۈش نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىلىپ، پوچتا-تېلېگراف مەخسۇس ماشىنىلىرىدا كېچىلەپ فۇجۇ شەھىرىگە توشۇلۇپ، شىنجاڭ قۇمۇلدا ئۈزۈلگەن ئېسىل مېۋىلەرنىڭ "10 سائەتتە فۇجۇغا يەتكۈزۈلۈپ، 24 سائەت ئىچىدە فۇجۇ ۋە شەرقىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈستىلىگە چىقىش"ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى