- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىردا يۈز بەرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر چىققان پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 2020 ئادەم قازا قىلدى
2016.09.29 14:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مىسىرنىڭ «ئەلئېھرام گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى ھەپتە مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا يۈز بەرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر چىققان پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى تۈنۈگۈنگىچە 202 گە يەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت تۈنۈگۈن سويۇۋېلىنغان. مىسىر ھۆكۈمەت ئاگېنتلىقى-ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، پاراخوتتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىسىرلىق ئىكەن، بىر قىسىمى ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئالتە ئادەم بېدىكىنى قولغا ئالغان، ئۇلارنى ئادەم ئېلىپ-سېتىش ۋە قانۇنسىز كۆچمەن پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى 26-سېنتەبىر سۆز قىلىپ، مىسىرنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر