باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتنى مۇزاكىرە قىلدى

2016.09.28 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 27-سېنتەبىر يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە مىزان»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى» نىڭ ئارگىنالى توغرىسىدا پارتىيە ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىر بويىچە تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھۆججەت ئارگىنالىنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىككى ھۆججەت ئارگىنالى توغرىسىدا پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىشى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ھۆججەتكە ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پىكىر-تەكلىپلەر پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تونۇشى ۋە تەشەككۈرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ھۆججەتكە ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. شۇڭا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قوبۇل قىلىپ، ھۆججەتنى ياخشى تۈزۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە توغرا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر