- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىدا كېلەر يىلى 4-ئايدا ئىش باشلاش پىلانلاندى
2016.09.29 14:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىدا كېلەر يىلى 4-ئايدا ئىش باشلاش پىلانلاندى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىگە تۇتاشتۇرىدىغان 3-يول ياسلىدۇ.
5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 21-سېنتەبىر ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە ياسىلىۋاتقان چاقىلىق-گېئېرمۇ تۆمۈريولى ئارقىلىق، ياسىلىپ بولغان گېئېرمۇ-لەنجۇ تۆمۈريولى، شۇنداقلا يىراق مەزگىللىك پىلان ئىچىدىكى گېئېرمۇ-چىڭدۇ تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىگە تۇتاشتۇرىدىغان 3-يول بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە پويىزدا بېرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 28 سائەت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى-قەشقەر-خوتەن تۆمۈريولىدا 2010-يىلى قاتناش باشلانغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر