خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- سېنتەبىر، ئامېرىكا نيۇيورك شىتاتىدىكى خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ھىلارى كىلىنتون بىلەن دونالد ترامپ 2016- يىللىق زوڭتوڭ نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە قاتناشتى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 26- سېنتەبىر كەچتە، 2016- يىللىق ئامېرىكا زوڭتوڭى نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى نيۇيورك شىتاتىدىكى خوفسترا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ھىلارى كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن دونالد ترامپ تۇنجى قېتىم بىر سەھنىدە تۇرۇپ روبىرو تۇتۇشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى