باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدىكى چارۋىچى ئاياللار كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەندى

2016.09.29 14:50   مەنبە: خەلق تورى

چەرچەن ناھىيەسىدىكى چارۋىچى ئاياللار كەسپىي ماھارەت بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى ، فوتۇسى) چەرچەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا بايىنغولىن ئوبلاستلىق «شىبو» كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىدىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئاتچان بازىرىدىكى نامرات چارۋىچى ئائىلىلەردىن كەلگەن 160 ئايالنى تورت ياساش، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ھەقسىز تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول ئېچىپ بەردى.

  ئايشەمگۈل قادىر ئاتچان بازىرى ئاتچان كەنتىدىن كەلگەن كۇرسانت بولۇپ، ئۆز كەنتىدە بۇنداق كۇرسنىڭ ئېچىلىشى ئۇنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازىرىمىزنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق ھەم كەنتىمىزدە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش، تورت ياساش دۇكىنى بولمىغاچقا، ئېھتىياج بولساق ناھىيە بازىرىغا بېرىپ سېتىۋېلىشمىزىغا توغرا كېلەتتى، كەنتىمىزدە بۇ قېتىمقى كۇرۇسنىڭ ئېچىلىشى بىزدەك چارۋىچى ئاياللارغا نىسبەتەن ئاسان قولغا كەلمەيديغان ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتى بولدى ، شۇڭا مەن بۇ قېتىمقى بۇ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ياخشى قەدىرلەپ، كۇرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆز كەنتىمدە بىر پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش، تورت ياساش دۇكىنى ئېچىپ، تۇرمۇشىمنى ياخشىلاشنى ئويلاۋاتىمەن

  سۈرەتتە: ئۇقۇتقۇچىلار كورسانتلارغا تورت ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپلەردا «ئويۇن ئويناش» كەسپى ئېچىلىدۇ
    ·شىزاڭ 16 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈردى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپقا پايدىلىق ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتنى يەنىمۇ مۇكەممەلل…