باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى: ياۋروپانىڭ مۇداپىئەنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز

2016.09.29 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتېنبېرىگ 27-سېنتەبىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپانىڭ مۇداپىئەنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى نۇسقىلىماستىن بەلكى ياۋروپا مۇداپىئەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رولىنى ئۆزئارا تولۇقلىشى كېرەك.

  سىتولتېنبېرگ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك مۇداپىئەسى بىلەن ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ھەمكارلىقى ئۆزئارا توقۇنۇشمايدۇ.

  بۇ يىل 8-ئىيۇل سىتونتېنېرىگ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋارشاۋادىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، ئىككى چوڭ تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر