خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 25-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ھاۋانادا كۇبانىڭ ئىنقىلابىي رەھبىرى فىدېل كاسترونى يوقلىدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، رايون قىزىق نۇقتىلىرى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇزاق پاراڭلاشتى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، چوڭقۇر تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ، يېڭى-كونا مەسىلىلەر گىرەلىشىپ، مەسىلىلەر ئۈست-ئۈستىلەپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن، جۇڭگو-كۇبانىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ھەمراھلىق، ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى