باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرلىرى، ساختا بېلەت باھاسى، ناچار ۋاكالەتچى قاتارلىقلار

ئايروپىلان بېلىتى ھەققىدىكى بۇ ئالدامچىلىقلارنىڭ دامىغا چۈشمەڭ

2016.09.27 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكى ساياھەت قىلىشنىڭ ياخشى مەزگىلى. ئايروپىلاندا سەپەرگە چىقىشنى تاللىغان نۇرغۇن يولۇچىلار ئىلگىرى مۇنداق غەلىتە ئىشلارغا يولۇقۇپ باققان، يەنى، ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشىغىلا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئەۋەتكەن ئايروپىلاندىن كاشىلا كۆرۈلگەنلىك سەۋەبلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋالغان، ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنى بايقىغان. پۇقرالار ئاۋىسياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار بېلىتى قائىدىسىگە تونۇش بولمىغان كىشىلەر مەزكۇر ئۇچۇردا كۆرسىتىلگەن ئالاقىلىشىش نومۇرىغا قايتۇرۇپ تېلېفون قىلغاندا ياكى قىسقا ئۇچۇردىكى ئۇلانمىنى باسقاندا، بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن پۇل يۆتكەش ئالدامچىلىقىنىڭ دامىغا چۈشكەن.

  ئايروپىلان بېلىتى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئالدامچىلىقلار زادى قايسىلار؟ قانداق قىلغاندا ئالدام خالتىغا چۈشۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى.

  __ ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى ۋە ساختا ئايروپىلان بېلىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە: نوپۇزلۇق يوللار ئارقىلىق راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش.

  يولۇچىلار ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندىن باشلاپ ئايروپىلانغا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىق ھەققىدىكى يالغان ئۇچۇرلارنى توقۇلۇشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئايروپىلان تېلېگراف ئالدامچىلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بۇ خىلدىكى «نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئۆزگىرىش بولدى، بېلەت ئۆزگەرتىلىدۇ» دېگەندەك قىسقا ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئەگەر «پۇل ئۇرۇپ بېرىش»كە چېتىشلىق بولسا، بۇ كۆپىنچە ئالدامچىلىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى نۆۋەتچى ئايروپىلان ھاۋارايى، ئايروپىلاننىڭ كاشىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، بېلەت قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئادەتتە ھەقسىز بولىدۇ، ئازراق تولۇقلىمىمۇ بار. ئەڭ ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى دەل نوپۇزلۇق يوللار ئارقىلىق بېلەت ۋە سەپەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈش، مەسىلەن، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئورگان تەرەپ قىززىق لېنىيە تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ جەزملەشتۈرۈش لازىم، ئالدام خالتىغا چۈشۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرلارغا قالايمىقان ئىشەنمەسلىك، قىسقا ئۇچۇردىكى نومۇرغا تېلېفون قىلماسلىق، ئۇلانمىنى ئاچماسلىق لازىم.

  __ ناچار ۋاكالەتچىلەر باھا پەرقىدىن پايدا ئېلىش ئۈچۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بېلەت ساتىدۇ، شۇڭا، مۇنتىزىم يوللار ئارقىلىق بېلەت ئېلىش تېخىمۇ بىخەتەر

  بەزى ۋاقىتتا يولۇچىلار سېتىۋالغان بېلەت ھەقىقەتەن راست، قايتۇرۇش-ئۆزگەرتىش ئۇچۇرلىرىمۇ راست، شۇنداقتىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدىنمۇ يەنە چاتاق چىقىپ قالىدۇ.

  بەزى يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن بىر قاتار غەلىتە ئەھۋاللارنى بايقايدۇ، مەسىلەن، بېلەت چىقارغۇچى تەرەپ سەپەر قىلىش تالونى (يەنى ئايروپىلان بېلىتى) چىقىرىپ بەرمەسلىك، بېلەت سېتىش باھاسى ھەقىقىي باھادىن يۇقىرى بولۇش، تاق لېنىيەلىك بېلەت ئالغان بولسىمۇ، بىر قانچە بۆلەك لېنىيە چىقىپ قېلىش، بېلەت قايتۇرۇش-ئۆزگەرتىش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولۇش، ئۆزلىرى خالىغانچە قايتۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىقلار كۆپىنچە ناچار ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنى.

  بېلەت سېتىۋېلىش باھاسى ھەقىقىي باھادىن يۇقىرى بولۇش، ھەمدە سەپەر قىلىش تالونى چىقىرىپ بەرمەسلىك: بۇنىڭدا كۆپىنچە ھاللاردا ناچار سودىگەرلەر يالغان باھا چىقىرىپ، ھەقىقىي باھانى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئابونتلارغا سەپەر تالونىنى چىقىرىپ بەرمەيدۇ، ھەمدە بۇ خىل تۆۋەن باھالىق ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ قايتۇرۇش-ئۆزگەرتىش ھەققى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، مۇساپە نەتىجىسىىمۇ كۆپىنچە ۋاقتلاردا جەملەنمەيدۇ.

  گەرچە تاق لېنىيەلىك بېلەت سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى بىر قانچە بۆلەك لېنىيەگە بولۇۋېتىش: بۇ بەلكىم ۋاكالەتچىلەر باھا پەرقىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن بىر قەدەر ئەرزان بولغان ئالاھىدە بېلەتلەرنى ئېلىپ بېرىش بولسا كېرەك. مەسىلەن، كوللېكتىپ بېلەت، قوشما لېنىيەلىك بېلەت، توختايدىغان بېلەت، ھەتتا بالىلار-بوۋاقلار بېلىتى دېگەندەكلەر. بۇ، يېنىك بولغاندا ئىستىمالچىلارنىڭ بېلەت ئۆزگەرتىش-قايتۇرۇش ھەققىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىنى ۋە سەپەر مۇساپىسى نەتىجىسى جەملەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئېغىر بولغاندا بۇنىڭدا ساختىلىق بارلىقى خىزمەتچى خادىملار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ.

  بەزى ۋاكالەتچىلەر يولۇچىلارنىڭ بېلەت پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ، يولۇچىلارغا ۋاقتىدا بېلەت چىقىرىپ بەرمەي، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى تېخىمۇ ئەرزان بېلەتلەرنى چىقارغاننى بايقىغاندا، ئۇ ۋاكالەتچىلەر ئەسلىدىكى بېلەتنى قايتۇرغۇزىۋېتىپ ياكى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن قايتىدىن تېخىمۇ ئەرزان بېلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئارىلىقتىن پايدا ئالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقتىن، ناھايىتى ئاسانلا يولۇچىلارنىڭ سەپىرىگە تەسىر يېتىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر، بۇ خىلدىكى «بەلگىلىمىگە خىلاپ» بېلەتلەرنى سېتىۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئورگان تور بېكىتى ياكى مۇنتىزىم بېلەت زاكاز قىلىش تور بېكەتلىرىدىن بېلەت سېتىۋېلىشنى، بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن،ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت قىززىق لېنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ، بېلەت تۈرىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر