باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«توردا سېتىۋالغان تاۋارلارنى كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش چارىسى »ئېلان قىلىندى

2016.09.29 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 27-سېنتەبىر «توردا سېتىۋالغان تاۋارلارنى 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى ھەمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالدى.

  «چارە»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: توردا تاۋار ساتىدىغانلار 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قاتۇرۇشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، تور تاۋارلىرىنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى تاۋار سېتىۋالغاندىكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلى بويىچە بولىدۇ، ئىستېمالچىلار تاۋارنى قايتۇرغاندا تاۋار، ئۇنىڭ زاپچاسلىرى ۋە ھەدىيە قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى بىراق قايتۇرۇشى كېرەك، تور سودا سەھنىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى سەھنىدىكى تور تاۋارلىرىنى ساتقۇچىلارنى 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا يېتەكلىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

  «چارە»دە مۇنۇلار ئېنىق كۆزسىتىلدى: تۆت خىل تاۋار يەنى ئىستېمالچىلار بۇيرۇتقان تاۋارلار، ساپ، تىرىك ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان تاۋارلار، توردىن چۈشۈرگەن ياكى ئىستېمالچىلار پېچىتىنى بۇزغان ئۈن سىن بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىق شىفىرلاشقان تاۋارلار، پۇلىنى تۆلەپ بولغان گېزىت، ژۇرناللار 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تارقىتىش قانۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە 7 كۈن ئىچىدە قايتۇرۇشقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرىنى كونكرېتلاشتۇردى، ئەڭ مۇھىمى مال قايتۇرىدىغان ۋاقىتتىكى پوچتا ھەققىنى قانداق قىلىش، جۇغلانما نومۇر ۋە نومۇر بىلەن سېتىۋالغان تاۋارلارنى قانداق قايتۇرۇش مەسىلىسى بۇ بەلگىلىمىدە ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر