باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يېڭى بەلگىلىمىسى 1-ئۆكتەبىر يولغا قويۇلىدۇ

2016.09.29 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھان تېزىسىنى تارقىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، يېڭى نۇسخىدىكى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھان تېزىسى»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، 2012-يىلى ئېلان قىلىنغان «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە ئىمتىھان تېزىسى» شۇنىڭ بىلەن بىللە بىكار قىلىندى.

  ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 4-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىراۋىسى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزگەن ھەم يولغا قويغان، يېڭى بەلگىلىمىدە، 45 تۈرلۈك مەزمۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، C1، C2 پىراۋىلىرىنى ئۆزى ھەيدەشنى ئۆگىنىپ بىۋاسىتە ئىمتىھان بېرىپ ئالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى يولغا قويۇلىدىغان يېڭى پىراۋا تېزىسىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ مۇخبىر بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قاتناش ۋە شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى قاتارلىق تارماقلارنى زىيارەت قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېڭى تېزىسنى كونكرېت يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي پىرىنسىپلىرى يەنىلا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ، يېڭى تېزىستا ئاساسلىقى ئۆگىنىش ۋاقتى، مەشىق مۇساپىسى، ھەق تۆلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر