- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالىنى چوڭ سايلامنى يەنە كېچىكتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلدى
2016.09.30 14:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 28-سېنتەبىر تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، سومالىنىڭ يېقىندا چوڭ سايلامنى يەنە بىر ئاي كېچىكتۈرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە سومالىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن سايلام قارالمىسىنى ئورۇنلاپ، سايلامنى يەنە كېچىكتۈرمەسلىككە دەۋەت قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سومالىنىڭ بۇ يىل تىنچ، ئاشكارا، كەڭ قۇرساق سايلام ئۆتكۈزۈشى دېموكراتىيە ۋە مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم، خەۋپسىزلىك كېڭىشى سومالىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سومالى فېدېراتسىيە سايلام كومىتېتى بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلىنى ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق، سومالىدا تىنچ ۋە مۇقىم بولغان ئىشەنچلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، سومالى فېدېراتسىيە سايلام كومىتېتى 26- سېنتەبىر كەچتە سومالى چوڭ سايلىمىنىڭ بىر ئاي كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر