باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلىدىغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئورگىنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى

2016.09.30 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بېرىپ قۇرىدىغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش ئورگىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى تۈرىدە 28- سېنتەبىر ئىفوپىيەنىڭ پايتەختى ئەدىس ئەبىبەدە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا رەسمىي كىرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى تۈرى يىغىن ۋەكىللىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئاشخانىسى، كىنىشكىسىنى ئېتىراپ قىلىش مەركىزى ۋە ئارخىپ مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بولۇپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش ئورگىنىنىڭ تۈرلۈك ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى كۇاڭ ۋىيلىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئافرىقىنىڭ 2063- يىللىق قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، تىنچ، گۈللەنگەن ئافرىقا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، بىز، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش ئورگىنىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ جۇڭگو ئافرىقا دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ بىر ئوبرازىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر