باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ

2016.10.08 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2017-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 10-ئۆكتەبىر باشلىنىدىكەن، 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگە دەسلەپكى ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان «2017-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە، 2017-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىن 31-ئۆكتەبىرگىچە ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە ئىكەنلىكى، ۋاقىت توشقاندىن كېيىن قايتا تولۇقلاپ تىزىملىمايدىغانلىقى، شۇنداقلا تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. دەسلەپكى ئىمتىھان 24-دېكابىردىن 25-دېكابىرغىچە ئېلىنىدۇ، ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پەنلەر 26-دېكابىر ئېلىنىدۇ.

  ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ماگىستىرلىق كەسپى ئۇنۋانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مەملىكەتلىك بىرلەشمە ئىمتىھان بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئاسپىرانتلار مائارىپى شەكلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ بىر تۇتاش مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا كىرگۈزۈلدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر