خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ۋېنگىرىيە ياش دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 5-ئۆكتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە ۋېنگىرىيەدە دوستانە زىيارەتتە بولدى، بۇداپېشتتا ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى ئادېر، ياشلار دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ئوربان ۋە پارلامېنت رەئىسى كوۋېر بىلەن كۆرۈشتى.
ليۇ يۈنشەن ئادېر بىلەن كۆرۈشكەندە، ئاۋۋال رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ۋېنگىرىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، سىياسىيدا ئۆز-ئارا ئىشىنىش كۈچىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيەنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە توغرا مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىغا قايىل بولىدۇ، ۋېنگىرىيە بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالغا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئادېر ليۇن يۈنشەندىن رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋېنگىرىيە-جۇڭگونىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق رېئال پۇرسەتلەر بار، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، سۇ بايلىقىنى قوغداش قاتارلىق خەلقئارا قارالمىلاردىمۇ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى بار، ۋېنگىرىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى