باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلدى

2016.10.08 14:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى 29 – سېنتەبىر شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلدى.

  ئۇقۇشىمچە، ئەمەلىي مەشىق مەركىزىگە جەمئىي 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇنى شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن گېرمانىيە ‹‹فېنىكس›› ئېلېكتىر گۇرۇھى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ قۇرغان. بۇ مەركەزدە سانائەت 4.0، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش، ئالاقە تورى+تېخنىكا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار بۇ سۇپا ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ياساش، خاسلاشتۇرۇلغان زاكاز بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەمەلىي مەشىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىشلىيەلەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەرسە تورى، كۆچمە ئالاقىچىلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردە ئەمەلىي قوللىنىش ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، 2010 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ گېرمانىيە ‹‹فېنىكس›› ئېلېكتىر گۇرۇھى، گېرمانىيە كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ‹‹باتېس›› تېخنىكا ئىنىستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپ ۋە كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو – گېرمانىيە (شىنجاڭ) كەسپىي مائارىپ ئەمەلىي مەشىق بازىسى، ئاپتوموبىل، ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلقئارا ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپنىڭ خەلقئارالاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر