باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ئازايدى

2016.10.08 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يول قاتنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، 130 قېتىم تۈرلۈك ئاددىي قاتناش ھادىسىسى، تۆت قېتىم دېلو تۇرغۇزۇلغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى ھاراق ئېچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىدىن 34 نى، ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمە بويىچە توختاتماسلىق قىلمىشىدىن 647 نى، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ۋە ھەيدەش كىنىشكىسىگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدىن 114 نى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغان باشقا قىلمىشتىن سەككىزنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، بۇنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن.

  دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كوچا ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، ئوتتۇرا، قىسقا يوللۇق ئائىلە ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناش ساقچىلىرىنى نۇقتىلىق يول بۆلىكى، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن يوللاردا ئەڭ زور دەرىجىدە قاتناش باشقۇرۇش - كونترول قىلىشقا ئاجرىتىپ، ئاممىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا چىقىشىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى قاتناش ساقچىلىرىنى ئادەم، ئاپتوموبىللار مەركەزلەشكەن يولۇچىلار بېكىتى، جەنۇبىي ۋوگزال، باغچە، مال سېتىۋېلىش سودا رايونى قاتارلىق جايلاردا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكى، قاتناش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولغان يول بۆلىكىدە قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى، بايرام مەزگىلىدە، شەھەر رايونىدىكى سودا ساراي، تاللا بازىرى، باغچىلاردا كەڭ كۆلەمدە قىستاڭچىلىق كۆرۈلمىدى.

  كۈز ۋە قىش پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يامغۇر، قار، تۇمان، مۇز تۇتۇش، ئۈششۈك قاتارلىق ناچار ھاۋارايى كۆپىيىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى خەۋپى ئاشىدۇ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى ۋە ئاپتوموبىلنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈشكە قەرەلىدە قاتنىشىپ، توڭلاشتىن ساقلاش ئەينەك سۈيىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، قىشلىق چاقنى ئالدىنئالا ئالماشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ چىراغلىرى، بولۇپمۇ ئالدى - كەينىدىكى تۇمان چىرىغى، شۇنداقلا ئېگىز ئورنىتىلغان تورمۇز چىرىغىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى ياخشى تەكشۈرۈشىنى سەمىگە سالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر