باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپكارلىقى يەنىمۇ گەۋدىلەنمەكتە

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋە ساياھەتچىلىك ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20تىن كۆپرەك ئاشتى

2016.10.08 14:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ساياھەتچىلىكتە يەنە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىگىلىشىمچە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى بىلەن ساياھەتچىلىك يولى قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپكارلىقى يەنىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىغان.

  ئەمدىلا ئاخىرلاشقان دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ جايلاردا يامغۇر، قار ياغدى، لېكىن بۇ ناچار ھاۋارايى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەر قىزغىنلىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى، 7 - ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى: تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 6 مىليون 149 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.32 ئاشقان؛ ساياھەت ئىستېمالى 6 مىليارد 990 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.99 ئاشقان. ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مېھمانسارايلاردا يېتىش نىسبىتى خېلى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ، كۆپ قىسىم يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردا يېتىش نىسبىتى %90تىن ئاشقان.

  ساياھەت رايونلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مىقدارى ئاشقاندىن سىرت، ئاساسىي تېمىسى ۋە خاسلىقى گەۋدىلىك بولغان بايراملىق ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى پائالىيىتى مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىشىمچە، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 7 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ئالاھىدە ساياھەت بايرىمىنىڭ بىرى بولغان «گۈزەل شىنجاڭ تەڭرىتاغ سەپىرى» پائالىيىتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئېلىمىزدىكى 13 ئۆلكە، شەھەردىن كەلگەن 200 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىلدىكى 600 دىن كۆپرەك ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» يەنىلا ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار كۆپرەك بولغان بېيتۈن، غۇلجا يۆنىلىشىدىكى نۆۋەتچى پويىزنى كۆپەيتىش، گۇرۇپپىلارغا ئايرىش، پويىز ۋاگونىنى كۆپەيتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەر ئېھتىياجىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇردى.

  دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت بازارلىرىنىڭ تەرتىپى ياخشى بولدى. 12301 ساياھەت ئەرزى قىزىق لىنىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە كۈندە جەمئىي توققۇز ساياھەت ئەرزى تاپشۇرۇۋېلىنغان بولۇپ، ھازىر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش باسقۇچىدا ئىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر